Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:1
14 Referans Kwoze  

ئاڭلا! مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا ھەممە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى.


خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇرۇشاتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇنداق دېدى: _ ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن!


بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.


_ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. (بۇ چاغدا نىبۇكادنەزەر بابىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا 18 يىل بولغانىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite