Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 33:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇلار بابىل قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، لېكىن بۇزغان ئۆيلەرنىڭ يەرلىرى غەزەپ-نەپرىتىمدە ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولىدۇ. بۇ شەھەردىكىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن، مەن بۇ شەھەردىن يۈزۈمنى ئۆرۈدۈم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 33:5
16 Referans Kwoze  

مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.


زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»


سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»


لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ.


ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.


ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.


ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


شەرقتىن چىققان بوران نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىۋېتىمەن. ئۇلارغا بالا-قازا يېتىپ كەلگەندە، ئارقامنى قىلىپ ياردەم قىلمايمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ چىرىك خەلق، ۋاپاسىز ئەۋلاد بىلەن كارىم يوق! قېنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىكىن، كۆرۈپ باقاي.


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»


ئىگىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئەتتى. سىئوندىكى ئوردا سېپىللىرىنى دۈشمەنگە تاپشۇردى. دۈشمەنلەر خۇددى بايرام بولغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا قىيقاس-چۇقان كۆتۈردى.


ئۇلار رەزىللىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلاردىن چوقۇم دىدارىمنى يوشۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite