25 لېكىن مەن پەرۋەردىگار كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزدۈم. مەن ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتىم.
«مەن كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنى تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تۈزگەن بۇ ئەھدەم ھەرگىز ئەمەلدىن قالمايدىغىنىدەك،
ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ، قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.
زېمىن مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈز مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى.
خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان بۇ ئىككى جىسىمنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا، چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا.
پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى، بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.