Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 33:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 خىزمەتكارىم داۋۇت ۋە لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەممۇ مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ داۋاملىق روھانىيلار تاللىنىپ، ماڭا خىزمەت قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 33:21
16 Referans Kwoze  

تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن.


ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.


شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.


مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.


ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.


لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.»


گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.


كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.


ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار، ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.


مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite