Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 33:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 33:18
21 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»


بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى.


مۇقەددەس يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككىنچى يېرىمى ئىبادەتخانامدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلار ياشايدىغان تۇرالغۇلار شۇ يەرگە جايلاشسۇن.


لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»، «خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر. سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشال بولىسىلەر.


_ پۈتۈن لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلاردىن بولغان روھانىيلارغا نېسىۋىسى سۈپىتىدە زېمىن تەقسىملەپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىدۇر.


ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»


ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ.


شۇڭا مەن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ.» _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite