يەرەمىيا 33:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ. Gade chapit la |
ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش ئالدىمدا توغرا يولدا يۈرسە، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن
ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى.
شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.
لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئۇ قەتل قىلىنمىدى.