14 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ.
خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بابىلدىكى يەتمىش يىلىڭلار توشقاندا، مەن كېلىپ، سىلەرگە ۋەدە بەرگەن بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
سەن مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ»، _ دېدى.
«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.
ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.
بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقانىدى.
چۈنكى، خۇدانىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر پىلانى بويىچە بىزمۇ خۇدا تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى، - دېدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»
شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ ئاھالىسىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن.
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
چۈنكى مەن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن.
ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.