يەرەمىيا 33:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەن: تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ. Gade chapit la |
يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
كىشىلەر ئېتىزلارنى ئېلىپ-سېتىپ، يەر خەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، ئۇلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا يەر خەتلىرىنى مۆھۈرلەيدۇ. بۇ ئىشلار بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ھەم يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتقا قايتۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»