Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 33:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 33:12
17 Referans Kwoze  

شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا، ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ، بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ.


ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن.


ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ!


خەلق يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدۇ. ئۇ يەرلەردە دېھقانلار يېرى بىلەن، پادىچىلار پادىلىرى بىلەن ياشايدۇ.


يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.


ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا: «بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ» دەيدۇ.


خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى. ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان.


«ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھازىر ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟


ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite