Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 32:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 _ تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى خانامئېل يېنىڭغا كېلىپ، ساڭا: «ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمدۇرسەن. قانۇنغا ئاساسەن سەن ئۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقسەن.» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 32:7
15 Referans Kwoze  

بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق زېمىندىكى ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى.


ئاناتوت شەھىرىدىكى بەزى خەلقلەر تەھدىت سېلىپ: «پەرۋەردىگار نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختات! بولمىسا بىز سېنى ئۆلتۈرىمىز!» دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى.


ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن.


پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ ئايالى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ساڭا دېگەنلىرىمنى دېگىن.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن.


ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.


لېكىن لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوتلاقلارنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سېتىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوتلاقلار لاۋىيلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئورتاق مۈلكىدۇر.»


«يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر.


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite