Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 32:43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

43 سىلەر: ‹بۇ زېمىن ئادەم تۈگۈل ياۋايى ھايۋانلارمۇ ياشىمايدىغان چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ، بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ› دېدىڭلار. لېكىن بۇ زېمىندىكى ئېتىزلىقلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 32:43
7 Referans Kwoze  

چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا: «بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ» دەيدۇ.


ئى يەرەمىيا، سىلەر: ‹بۇ شەھەر ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكتە قېلىپ، بابىل پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ› دەۋاتىسىلەر. بۇ راست. لېكىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن:


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: سىلەر بۇ زېمىن توغرىسىدا سۆزلەپ: ‹بۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلاندى، بۇ يەردە ئادەم ياكى ھايۋانمۇ يوق› دەيسىلەر. لېكىن ئادەم ۋە ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، قاقاسلىققا ئايلانغان يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا


ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، گەرچە بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، سەن يەنىلا ماڭا: ‹كۈمۈش بېرىپ، ئۇ ئېتىزلىقنى سېتىۋالغىن، سېتىۋالغاندا ئادەملەر گۇۋاھ بولسۇن!› دېدىڭ.»


مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ.


ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite