Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 32:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇشال بولىمەن. مەن پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 32:41
16 Referans Kwoze  

ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.


پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»


مەن ئۇلارنى ئۇ زېمىندا يىلتىز تارتقۇزىمەن. ئۇلار مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئەمدى يۇلۇپ تاشلانمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.


مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.


بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى خەلققە پادىشاھلىق قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ھەققىدە ۋەدە قىلىمەن.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلساڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇ بارلىق ئىشىڭلارنى روناق تاپقۇزۇپ، ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى روناق تاپقۇزغىنىدەك، سىلەرنىمۇ روناق تاپقۇزسا خۇشال بولىدۇ.


سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر.


مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.


سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس، يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ، سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن، يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ، يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا ئەتراپىڭلاردىكى قالغان ئەللەر بۇ يەرلەرنى مېنىڭ قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىمنى، تاشلىنىپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا تېرىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار دېدىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»


مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى نېلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite