37 مەن قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن.
كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن بىزنى، قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.
ئادەملەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. بۇ شەھەر ھېچقاچان قايتىدىن ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم بىخەتەر جاي بولىدۇ.
ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.
بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.»
ئاشۇ كۈنى ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»
لېكىن يەھۇدىيە مەڭگۈ ياشايدۇ، يېرۇسالېم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
مەن يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكېلىپ، قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.
ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.
مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›
سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.
_ لېكىن، مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق ۋاقىتلار كېلىدۇ، كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: «ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دېمەيدىغان بولىدۇ،
بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: «ئىسرائىل خەلقىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.
مەن نەپرەت ۋە غەزەپ ئىچىدە قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ھەممىگە قادىر بىلىكىم بىلەن سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىمەن!
ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.
چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا: «بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ» دەيدۇ.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىمنى باشقا ئەللەرگە نامايان قىلغاندا، ئىسرائىللار مەن خىزمەتكارىم ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن.
مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن ۋە يات ئەللەردىن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن يىغىمەن.
ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»