Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 32:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، گەرچە بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، سەن يەنىلا ماڭا: ‹كۈمۈش بېرىپ، ئۇ ئېتىزلىقنى سېتىۋالغىن، سېتىۋالغاندا ئادەملەر گۇۋاھ بولسۇن!› دېدىڭ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 32:25
11 Referans Kwoze  

بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر چۈشەنمەيسەن، لېكىن كېيىن چۈشىنىسەن، - دېدى.


سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.


سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ، ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ، لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى:


سىلەر: ‹بۇ زېمىن ئادەم تۈگۈل ياۋايى ھايۋانلارمۇ ياشىمايدىغان چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ، بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ› دېدىڭلار. لېكىن بۇ زېمىندىكى ئېتىزلىقلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ.


مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا: «بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ» دەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite