Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن، دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار، ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:8
29 Referans Kwoze  

ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.


بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.»


مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن. سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، تالغان قولۇڭلارغا مەدەت بېرىپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار.


مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، جىرالىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلىرىدا باقىمەن.


پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.


قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار.


ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرماس، ئۆچەي دەپ قالغان چىراغنىمۇ ئۆچۈرمەس، تاكى ئادالەت زەپەر قۇچقۇچە،


ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.


شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن. جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن. يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن. خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن.


سىلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


چۈنكى، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بىر ئېتىقادچى بۇتنىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان سىلەرنىڭ بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زىياپەتتە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا ئۇ گۆشنى يېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا گۇناھ قىلىشىغا دەۋەت قىلغان بولۇپ قالمامسىلەر؟


تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! - دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! - دېدى.


پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!


شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. سىلەر نومۇستا قالغان ھەر بىر ئەلدە سىلەرنى شەرەپلەندۈرىمەن.


سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.


مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن ۋە يات ئەللەردىن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن يىغىمەن.


مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›


سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن.


ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانلار _ شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن كەلگەنلەر.


ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.


ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.


كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.


قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.


بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: «ئىسرائىل خەلقىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite