Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:6
23 Referans Kwoze  

مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ، ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ.


پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن كۆزەتچىلىرىدۇر. لېكىن ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يولىغا تۇزاق قۇرۇلدى. ئۇلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىككە دۇچار بولدى.


ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن بىر ئەلگە قارشى قىلىچ ئەۋەتسەم، ئۇ ئەل ئۆزلىرىگە بىر كۆزەتچى تەيىنلىسە ۋە


_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.


مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ، ‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم. بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.


ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم. ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار،


ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.


ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.


شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.


نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.


مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite