Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر. سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:4
31 Referans Kwoze  

مەن يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكېلىپ، قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.


«پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى. ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا، يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»


«كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ۋەيران بولغان پادىشاھلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمەن. ئۇنى خارابىلىكتىن قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.


ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى!


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىشىپ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.


ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، يوللارغا بەلگە سېلىڭلار، يۆنىلىش تۈۋرۈكىنى ئورنىتىڭلار. سىلەر ماڭغان ئاشۇ يوللارنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. مېنىڭ قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، قايتىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ كېلىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!


بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.


چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى، قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى. ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار، ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار.


شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى، يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى.


يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى.


«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.


مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.


ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.


ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا، ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.


ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، يېرۇسالېم شەھىرى خانانئېل مۇنارىدىن باشلىنىپ، غەرب تەرەپتىكى ‹بۇلۇڭ دەرۋازىسى›غىچە قايتا قۇرۇلۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە شەھىرىم بولىدۇ.


ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.


پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite