Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:37
13 Referans Kwoze  

كىم دېڭىز سۈيىنى قولى بىلەن ئوچۇملاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم ئاسماننى قولى بىلەن غېرىچلاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم زېمىننىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سېۋەتكە قاچىلىيالايدۇ؟ كىم تاغلارنى ۋە دۆڭلەرنى تارازىدا تارتالايدۇ؟


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟


جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.


چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.


زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر.


خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك، ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن، سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite