Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرى ئەمەلدىن قالمىسىلا، ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ مېنىڭ خەلقىمدۇر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:36
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى، بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر.


خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا، تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا.


مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.


ئەرشتىكى بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتلەرنى بىلەمسەن؟ زېمىننى ئەرشنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرالامسەن؟


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite