يەرەمىيا 31:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى35 پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: Gade chapit la |
مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.