Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ ئاھالىسىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:27
8 Referans Kwoze  

سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.»


مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


مەن سىلەر تەرەپتە تۇرىمەن، سىلەرگە يۈزلىنىمەن. ئېتىزلىرىڭلار قايتىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇرۇق چېچىلىدۇ.


گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.


بۇ جايلاردىن تەشەككۈر ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ. مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ. مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلساڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇ بارلىق ئىشىڭلارنى روناق تاپقۇزۇپ، ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى روناق تاپقۇزغىنىدەك، سىلەرنىمۇ روناق تاپقۇزسا خۇشال بولىدۇ.


سەندە ياشايدىغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن. خاراب بولغان شەھەرلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، شەھەرلەردە ئادەم ياشايدۇ.


زۇلۇمدىن ئازاد قىلىپ مىسكىنلەرنى، قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ ئەۋلادلىرىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite