Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگىنىمىزگە توۋا قىلدۇق. بىز نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە، بىز مەيدىمىزگە ئۇرۇپ، يىغلىدۇق. بۇرۇندىن باشلاپ بىز ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، نومۇسقا قېلىپ كەمسىتىلدۇق.›

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:19
30 Referans Kwoze  

ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


ئەي ئادەم بالىسى، ۋارقىراپ يىغلا، چۈنكى بۇ قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. يېتەكچىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، خەلقىم بىلەن بىرگە قىرىلىدۇ. شۇڭا سەن مەيدەڭگە مۇشتلا.


بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.


ئۇ چاغدا سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ، مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار،


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.


دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن! نومۇستىن ئالدىڭدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، قىلمىشلىرىمىز چېكىگە يەتتى.


رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.


سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر.


لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ.


سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.


ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى.


ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.


چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.


گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ.


مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى يېزىۋاتىسەن، ياش ۋاقتىمدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئۈستۈمگە يۈكلەۋاتامسەن؟


ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى، چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى.


مەنمۇ مۇشتۇملىرىمنى تۈرۈپ قويدۇم، غەزەپلىرىم بېسىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite