Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 31:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: ‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق. سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق. بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن. بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 31:18
54 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»


قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما.


مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


ئەگەر بىزگە ئەبەدىي غەزەپلەنمىگەن ۋە بىزدىن ۋاز كەچمىگەن بولساڭ، ئى پەرۋەردىگار، قايتۇرۇپ كەل بىزنى يېنىڭغا، قايتايلى بىزمۇ ساڭا، ئۆتۈنەيلى، قايتۇر بىزنى ئاشۇ پارلاق زامانغا.


ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!


بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.


ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.


خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،


چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.


ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.


ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.»


ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى.


ئەفرايىم ئۆگىتىلگەن ئىنەكتۇر، خامان تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن. يەھۇدىيەنى سوقىغا قېتىپ، ياقۇپنى سۆرەمگە سالىمەن.


ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر، ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟


شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.


ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك، كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى.


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


كىمكى قايتا-قايتا ئەيىبلەنگەندىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلسا، تۇيۇقسىز بىتچىت بولۇپ، قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.


ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.


ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن، بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.


بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.


بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.


گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.


ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر.


مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.


ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى، چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى.


سىلەر ئۇ يەردە، بۇرۇن قىلغان قىلمىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان ناپاك ئىشلارنى ئەسكە ئالىسىلەر ۋە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.


بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق.


خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.


ھاياتىم ئىلكىڭدىدۇر پەقەت سېنىڭ، چاڭگىلىدىن قۇتقۇز مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ _ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite