17 مەن ساڭا دېسەم، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار! پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ!
بىراق ئويلىسام پەرۋەردىگارنى، يوقاتمايمەن ئۈمىدىمنى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش گۈزەلدۇر شۇڭا.
دېدىم «قالمىدى ھېچ دەرمانىم، ئۈزۈلدى پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم.»
ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
ئۇلار مەن خىزمەتكارىم بولغان ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىندا، يەنى ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىندا خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ، خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ.
بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»
مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلغانىدىم، كەلگۈسىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىغا يىغىپ ئەكېلىمەن، بىر ئادەممۇ قېلىپ قالمايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
ئىتائەتچانلىق بىلەن باش قوي زېمىنغا، بەلكىم بىرەر ئۈمىد باردۇر يەنىلا.
ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تارقىلىپ كەتكەن ئەللەردىن يىغىمەن ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.
ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.