يەرەمىيا 31:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن. Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.
يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.