يەرەمىيا 31:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار. Gade chapit la |
ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.