Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 30:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 30:9
14 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.


ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.


خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!»


خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ - ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر!


ئۇ بولسا پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ.


- يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ بىز ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، - دېيىشتى.


ئى رەببىم، ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟ بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟


چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار.


ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite