Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 30:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 30:16
44 Referans Kwoze  

ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


ئەگەر سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، دۈشمىنىڭلارغا دۈشمەن، رەقىبىڭلارغا رەقىب بولىمەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.


«خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.


«مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى ئەللەرنى مەست قىلىپ قويىدىغان بىر قەدەھ شاراب قىلىپ قويىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالغاندا، يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. مەن، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، موئاب جەزمەن سودومدەك، ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە تىكەن بېسىپ، مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»


سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.


ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.


ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى. ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى، ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ.


سەن ئىسرائىللارغا بولغان كونا ئاداۋىتىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان، گۇناھى سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇلارنى قىلىچ ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ.


شۇندىلا بارلىق مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. سەن بىر تۈپ قومۇشقا ئوخشاش ئىسرائىل خەلقىگە يۆلەنچۈك بولالمىدىڭ.


ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.


ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»


ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.


پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ.


ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.


لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن.


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»


سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارلىق قارغىشلارنى سىلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلار ھەم سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ.


ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى.


چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.


نەزىرىڭدە بولسۇن رەزىللىكلىرى ئۇلارنىڭ! گۇناھلىرىم ئۈچۈن جازالىغان بولساڭ مېنى قانداق، ئىستىكىم شۇكى، جازالىغىن ئۇلارنىمۇ ئاشۇنداق. كۆپتۇر مېنىڭ ئاھۇزارىم، مادارىدىن كەتتى يۈرەك-باغرىم.»


مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.


مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite