Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 30:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 30:14
38 Referans Kwoze  

يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.


سەن ماڭا شەپقەتسىزلىك قىلىۋاتىسەن، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسەن.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار، باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار. چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.


سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.


يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.


ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


ئۇ ماڭا غەزەپلەندى، مېنى دۈشمەن كۆردى.


مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك، يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن. ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.


ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ.


شۇڭا ئەي ئوھولىبا، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگەن ئاشنىلىرىڭنى ھەممە تەرەپتىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.


شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم.


ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.


يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»


خۇدا غەزىپى بىلەن تېنىمنى تىتىۋەتتى، ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، دۈشمەنلىككە تولغان غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى.


بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن.


ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن! شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».


پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.


چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى.


سىلەرنىڭ بارلىق ئىتتىپاقدىشىڭلار سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلىۋېتىدۇ، سىلەر بىلەن تىنچ ئۆتكەن كىشىلەر سىلەرنى ئالدايدۇ ۋە مەغلۇپ قىلىدۇ، سىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان كىشىلەر سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ، سىلەر غەپلەت ئىچىدە قېلىپ، ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر.»


مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن.


بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.


ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.


ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.


بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولدا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا بويسۇنمىدۇق.


بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى.


بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite