Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:8
20 Referans Kwoze  

_ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا،


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم.


سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


ناۋادا كېيىنكى ئېرىمۇ ئۇنى ياقتۇرماي، تالاق خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتسە، ياكى كېيىنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە،


ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ.


ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.


سامارىيەنىڭ گۇناھلىرى سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. سەن قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلار ئۇلار قىلغان قىلمىشلاردىن تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا سىڭىللىرىڭ ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدىيەنىڭ تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېملىقلارنى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.


ئۇ كىشىلەر نومۇسسىز ئوھولا ۋە ئوھولىبادىن شۇنداق پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite