Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن، ئۇلار مۇشۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن، «مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنى كۆرۈپ تۇردى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:7
15 Referans Kwoze  

ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلىپ كەلدى.›»


ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ.


سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ.


خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.


ھالسىزلانغان پۇقرالار يېزىمۇ يېزا سۇ ئىزدەپ، دەلدەڭشىپ قالدى. لېكىن ئۇلار قانغۇدەك سۇ ئىچەلمىدى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite