Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سەن دائىم بىزدىن ئاچچىقلىنىپ يۈرەمسەن؟ سەن بىزگە مەڭگۈ غەزەپلىنەمسەن؟› دەيسىلەر. بىراق سىلەر ئۆزۈڭلار قىلالايدىغانلىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:5
14 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


قارا، سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرمەكتە.


سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن.


مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە، گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن. قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە، بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز.


بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟


شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن.


شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟


نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


مەن دىققەت قىلىپ، ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەققانىي ئىشلارنى سۆزلىمەيدۇ. ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ. خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك، ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite