Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 بىراق مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر ئۆز ئېرىنى تاشلاپ كەتكەن ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:20
11 Referans Kwoze  

سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلىپ كەلدى.›»


يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ھارامدىن بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيە خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.


جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite