يەرەمىيا 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى. Gade chapit la |
شۇڭا تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى ئېنايىم شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شېلاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟
سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى.