يەرەمىيا 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. Gade chapit la |
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.