Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ۋاپاسىز ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھى ساداقەتسىز يەھۇدىيەنىڭكىگە قارىغاندا يېنىكرەك.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:11
9 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىبا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا پاھىشىلىك قىلىپ، ئاچىسىدىن بەكرەك بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى.


خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.


ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر، ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟


سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ.


ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.


ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


مەن، ئۇلار مۇشۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن، «مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنى كۆرۈپ تۇردى.


ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىنىڭ رەزىل يولىغا قايتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite