Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 3:10
13 Referans Kwoze  

ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.


سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى. ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.


ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا، تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا.


پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار!


ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىنىڭ رەزىل يولىغا قايتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى.


مەن باغلىرىڭلار ۋە ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى قۇرۇتتۇم ۋە سېسىتتىم. چېكەتكىلەر ئەنجۈر ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ تۈگەتتى. شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite