يەرەمىيا 29:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەپ، دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.› Gade chapit la |
دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.