Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:32
24 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. سەن بۇ يىل ئۆلىسەن! چۈنكى سەن كىشىلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتۈڭ».


ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشاش گۈللىنىشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ھېچنېمە ياشىيالمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق جايلاردا ياشايدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»


لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.


ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»


شۇڭا مەن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ.» _ دېدى.


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان. بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي!


شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بابىلدىكى نىخەلاملىق شىمائىياغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن:


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشلىرىغا، ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى سالىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›»


ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


خەلقىم ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. بۇلار دەل: ‹بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا-قازا كەلمەيدۇ› دېگەن ئادەملەردۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite