Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 _ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:31
11 Referans Kwoze  

بۇ ئادەملەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن، پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىدىم!›


بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.


بۇ پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەممە يەردە قاتراپ يۈردى. مەن سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا مېنىڭ نامىمنى سېتىپ ۋەھىي يەتكۈزۈشتى.


ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.


شۇڭا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.›


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite