Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:26
28 Referans Kwoze  

يېھۇ سەركەردىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ چىققاندا، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن: _ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: _ سىلەر بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى.


پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى.


بىرمۇنچە كىشىلەر: - ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ - دېيىشەتتى.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى.


كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.


لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم.


مەن ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ، كۆپ قېتىم ئۇلارنى جازالىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشقا تىرىشقانىدىم. مەن ئۇلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئىدىمكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.


مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى.


شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى.


- سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق.


ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟


ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.


يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.


شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى توسمايسەن؟


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.


ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. يىھويادا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇھاپىزەتچىلەرنى تۇرغۇزدى.


باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.


- ھۆرمەتلىك ۋالىي فېستۇس! - دېدى پاۋلۇس، - مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite