Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 «مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن: سەن ئۆز نامىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە، شۇنداقلا مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيا ۋە باشقا بارلىق روھانىيلارغا خەت ئەۋەتىپ، بۇ سۆزلەرنى دېدىڭ:

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:25
16 Referans Kwoze  

ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى،


لېكىن، پادىشاھ زىدقىيا شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال بىلەن مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن» دەپ ئۆتۈندى.


روھانىي زىفانىيا يېرۇسالېمدا بۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوقۇپ بەردى.


دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.


شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.


شۇ 52 كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى.


بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن يەنە خەت يوللىدى. خەت پېچەتلەنمىگەنىدى.


سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى.


پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ قويۇپ،


بۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:


يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite