Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:21
8 Referans Kwoze  

يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.


ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


ئەمما سىلەر: ‹پەرۋەردىگار بابىلدا بىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدى› دەيسىلەر.


مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite