Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 (بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:2
13 Referans Kwoze  

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى.


مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»


يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ: _ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ، زادى كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ _ دېدى. ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.


ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى،


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.


كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،


شۇڭا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.›


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite