17 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن.
مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ.
ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئېغىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ،
شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.
شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى.
نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.
ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.
قارىۋىدىم، بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر دىيارى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.
بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.