Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 29:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 29:14
44 Referans Kwoze  

ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى مەن ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم!


ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.


كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنى ئىزدىمىگەنلەر مېنى تاپتى، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى كۆرسەتتىم.»


مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.


مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم، ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم. مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن.


روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار، توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار.


پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.


كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.


شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئۆزى سۈرگۈن قىلغان بارلىق ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


بىز ھەر قېتىم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىندۇر. قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مۇشۇنداق خۇداسى بار؟


ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»


لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەيدۇ، مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. خۇددى بۇغداي باغلىرىنى خامانغا يىغقانغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار ئۇلارنى يىغدى، ئەمدى جازالايدۇ.


يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»


پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.


مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.


_ مەن سىلەرگە دېگەن بارلىق بەخت ۋە قارغىشلار بېشىڭلارغا كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى سۈرگۈن قىلغان ئاشۇ ئەللەردە تۇرۇپ، ئاشۇ ئەھدىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلاردىنمۇ بەكرەك روناق تاپقۇزۇپ، سانىڭلارنى كۆپەيتىدۇ.


قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە. مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.


شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن. جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن. يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن. خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن.


مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.


بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


بىراق مەن بۇ قوشنا ئەللەرنى ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ھەربىر ئەل خەلقىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن.


ئۇلارغا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تارقىلىپ كەتكەن ئەللەردىن يىغىمەن ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.


پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «يىغلىما! ياش تۆكمە! چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن. پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ.


مەن ساڭا دېسەم، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار! پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ!


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite