8 بىزدىن بۇرۇن ياشىغان پەيغەمبەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەللەر ۋە بۈيۈك پادىشاھلىقلارغا كېلىدىغان ئۇرۇش، بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلەر ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزۈپ كەلگەنىدى.
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.
ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»
ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»
مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:
ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.
پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى.