Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 28:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 28:4
20 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن.


_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


مەن ئاسسۇرلارنىڭ بوينۇڭلارغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ سىلەرگە سالغان كىشەنلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.»


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ.


ئاندىن پەيغەمبەر خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ بۇزۇۋەتتى. خانانيا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا:


_ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: «ياخشى ئەنجۈرلەر مەن يەھۇدىيەدىن بابىل زېمىنىغا سۈرگۈن قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن.


«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن.


سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن. لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ، ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى داۋاملىق مىسىرلىقلارنىڭ قۇلى بولمىسۇن دەپ، ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. بوينۇڭلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلىدىم، سىلەر ئەمدى قەددىڭلارنى رۇسلايسىلەر.»


ئۇ يېرۇسالېم ئاھالىسىنى، يەنى سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت نامرات كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.


نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ. يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».


يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى.


(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite