Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 28:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 28:3
8 Referans Kwoze  

خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى.


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.


ياقۇپ مىسىردا 17 يىل ياشاپ، 147 يىل ئۆمۈر كۆردى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


نىبۇكادنەزەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بەزى بۇيۇملارنىمۇ بابىلغا ئەكېتىپ، ئوردىسىغا قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite