يەرەمىيا 28:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىمەن. ئاندىن ئۇلار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. مەن ھەتتا نىبۇكادنەزەرگە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن.» Gade chapit la |
لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن.